شەرقىي دېڭىزدا پاراخوت سوقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيجوئۇ شەھىرى يېنىدا خىتاي يۈك پاراخوتى بىلەن كامبودجا يۈك پاراخوتى سوقۇشۇپ كېتىپ، نەتىجىدە كامبودجا بايرىقىنى ئاسقان مەزكۇر پارادوخ چۆكۈپ كەتكەن ھەمدە 20 نەپەر ماتروس ئىز دېرەكسىز يوقالغان.

ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئۈچ دانە چارلىغۇچى پاراخوت ۋە ئىككى دانە قۇتقۇزۇش پاراخوتى ھەمدە تىك ئۇچار ئايروپىلان چىقىرىپ، قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان.

يوقاپ كەتكەن ماتروسلارنىڭ 19 نەپىرى خىتاي پۇقراسى، بىر نەپىرى ھىندىستان پۇقراسى ئىكەن. چۆكۈپ كەتكەن چەتئەل پاراخوتى 6500 توننا يۈك باسقان بولۇپ، خىتاي پاراخوتىدا 17 مىڭ توننا يۈك بار ئىكەن. چەتئەل پاراخوتى ۋيېتنامغا قاراپ يولغا چىققان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)