رابىيە خانىمنىڭ نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىقىنى خەۋەر قىلغان مۇھەررىر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
2006.09.22
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2006- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇپاكاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى خىتاي خەلقىغە خەۋەر قىلغان، ۋاڭ يى توربېتىنىڭ مۇھەررىرى ۋەزىپىسدىن ئېلىپ تاشلاندى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە مەزكۇر مۇھەررىر، ۋاڭ يى توربېتىدە، ئەگەر قايتىدىن توغۇلسىڭىز خىتاي بولۇشنى خالامسىز؟ دېگەن تېمىدا راي سىناش ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى توربېتىدە ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قوغلاندى قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئۇنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى توربېتىدە ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسەتمەكتە.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىگە قارشى بەرگەن باياناتى، خىتاي مەتبۇئاتىغا ئەمەس، چەتئەل مۇخبىرىلىرىغا قارىتىلغان ئىكەن. لېكىن ۋاڭ يى تور بېتىنىڭ مۇھەررىرى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ رابىيە خانىم توغرىسىدا چەتئەل مەتبۇئاتىغا بەرگەن باياناتىنى تور بېتىدە ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي خەلقىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلكىدىن خەۋەردار قىلغان. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم نوبىل مۇكاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى
- خىتاي، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى رابىيە قادىر خانىمغا بەرمەسلىك ھەققىدە نورۋېگىيىگە تەھدىت سالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتە كۆز قاراشلىرىنى ئەركىن بايان قىلغان 3 كىشىنى قولغا ئالدى
- ۋېن جياباۋ چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىققا ۋەدە بەردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ يېڭى مەتبۇئات بەلگىلىمىسىنى تەنقىد قىلدى