دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينىڭ سارس ۋەقەسىدىكى ئىپادىسىنى تەنقىد قىلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سارس كېسىلى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ۋېيتنام بىلەن سىنگاپورنىڭ 2003 - يىلى پارتلىغان سارس كېسىلى ۋەقەسىدىكى ئىپادىسىنى ماختىدى. لېكىن خىتاينىڭ ئەينى چاغدا ۋەقەنى يوشۇرغانلىقىنى ۋە دەسلەپكى چاغدا سارس كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى رەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. بۇ دوكلات دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھازىرغىچە خىتاينى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئەيىبلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

" دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى " سارس: بىر قېتىملىق دۇنياۋىي يۇقۇملىنىش ۋەقەسى قانداق توختىتىۋېلىندى " دىگەن ماۋزۇدىكى دوكلاتىدا ئەڭ كۆپ تەنقىدنى خىتايغا قاراتقان.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى خادىملار ھازىرغىچە خىتاينى ئاشكارا تەنقىد قىلىش ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ ياكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختىتىپ قويىدۇ، دەپ ئەنسىرىمەكتە ئىدى. لېكىن بۇ قېتىم 307 بەتلىك دوكلاتتا خىتاينى ئاشكارا تەنقىدلىدى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 - يىلى 11 - ئايدا سارس كېسىلى پارتلاپ 3 ئايغىچە ئۇنى يوشۇرغان. مەزكۇر ئورگان2003 - يىلى 2 - ئايدا ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن 3- ئاينىڭ 22 - كۈنى جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرى جاڭ ۋېنكاڭ بىلەن خوڭكوڭدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە كېسەللىككە دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن دوكلاتتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى " ئۈمىد قىلغان نەرسىگە ئېرىشەلمىدى " دەيدۇ. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي بىلەن خەت ئالاقىسى، تېلېفون ۋە ئۆز ‏- ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى " ۋىرۇسىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا كېڭىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالمىغان " .

دوكلاتتا ، بېيجىڭ دوختۇرخانىسىدا بەزى خادىملارنىڭ سارس كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى، لېكىن دوختۇرخانا دائىرىلىرىنىڭ بۇنى رەت قىلغانلىقىنى يازدى. شۇ قېتىمقى ۋەقەدە سارس كېسىلى دۇنيا بويىچە 30 دۆلەتكە تارقالغان. 8000 ئادەم مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ۋە 800 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. (ئەركىن)