سىچۈەندە توڭگۇز ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەر سانى 31 گە يەتتى
2005.07.29
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دائىرىلەر خىتاينىڭ غەربىي - شىمالىدا سىچۈئەندىكى يېزىلاردا بايقالغان تۇڭگۇز ۋىرۇسىنىڭ ھازىرغىچە ئۈرۈمچىدە بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ۋىرۇس ھازىرغىچە ئۈرۈمچى رايونىدا بايقالمىغان. دائىرىلەر تۇڭگۇز ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تارقىلىشىغا قارشى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ئالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما بۇ ئارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى توڭگۇز ۋىرۇسىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلاپ، پۇقرالارنى خاتىرجەم بولۇشقا چاقىرىۋاتقان بىر چاغدا، جۈمە كۈنىگە قەدەر مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن ئۆلگەنلەر سانى 31 گە يەتتى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار ياكى يۇقۇملانغانلىقى گۇمان قىلىنىۋاتقانلار 152 ئەتراپىدا بولۇپ، 27 كىشىنىڭ كېسەل ئەھۋالى ئېغىركەن. خىتاي سەھىيە مىنىستىرى گاۋ چياڭ جۈمە كۈنى " كېسەل ھازىرچە كونترول ئاستىغا ئېلىندى،" دەپ كۆرسەتتى.
ئەمما دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى باب دەيتىسنىڭ تەكىتلىشىچە، ۋىرۇسنى كونترول ئاستىغا ئېلىندى دېيىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىكەن. ئۇ، "چۈنكى يېڭى كېسەللەر ۋە ئۆلگەنلەر بايقىلىۋاتىدۇ،" دىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ۋىرۇس بايقالغان رايوندىن بېيجىڭغا توڭگۇز گۆشى ۋە توڭگۇز مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈشنى چەكلىدى. دائىرىلەر بېيجىڭغا كىرىش ئېغىزلىرىدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دېھقانلىرى سىرلىق كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان چوشقىلارنى يېمەكتە
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى توڭگۇز كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان سىرلىق كېسەللىكتە ئۆلگەنگەنلار سانى 24 گە يەتتى
- سىچۈەندە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كېسەل بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 17 گە يەتتى
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى