دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى توڭگۇز ۋىرۇس توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى


2005.08.05

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى سىچۈئەندە بايقالغان توڭگۇز ۋىرۇسى ئۈستىدىن تېخىمۇ كەڭ - كۆلەملىك تەجرىبە ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باياناتچىسىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، توڭگۇز ۋىرۇسى ئۈستىدىن تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ۋە تەجربە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىدىكى سەۋەپ، كېسەلنى باشقا ئامىللارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۈمكىنچىلىكى بار- يوقلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سىچۈئەندە بايقالغان كېسەللىكنى يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ رايوندا بايقالغان كۆلىمى ئەڭ زور شۇنداقلا ئەجەللىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى كېسەل بايقالغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. توڭگۇز ۋىرۇسى تۇنجى قېتىم بۇ يىل 6 - ئايدا بايقالغاندىن بېرى، سىچۈئەن بويىچە بۈگۈنگە قەدەر 38 ئادەم ئۆلگەن، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 2008 گە يەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سەھىيە نازارىتى توڭگۇز ۋىرۇسىنىڭ مەزكۇر رايوندا ھازىرغىچە بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دائىرىلەر، ئالاقىدار ئورگانلارغا ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھوشيار بولۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، سىچۈئەندىن ئۈرۈمچىگە چوشقا گۆشى يۆتكەشنى چەكلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.