خىتاي دائىرىلىرى خاربىندا شەھەر بويىچە تۆت كۈن سۇ توختايدىغانلىقىنى جاكارلىدى


2005.11.22

خىتاينىڭ خاربىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سۇڭ خۇئاجياڭ دەرياسىنىڭ خىمىيىلىك ماددىلاردىن بۇلغىنىش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ، خاربىن شەھىرىدە 22 - نويابىر كەچ سائەت 8 دىن باشلاپ شەھەر بويىچە 4 كۈن سۇ توختايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خاربىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، سۇ توختاش ۋەقەسىگە سۇڭ خۇئاجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى بىر نېفىت - خىمىيە زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى سەۋەب بولغان.

بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سۇڭ خۇئاجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان جۇڭگو نېفىت شىركىتىگە قاراشلىق جى خۇئا نېفىت - خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. پارتلاش ۋەقەسىدە 5 ئادەم ئۆلگەن. زاۋۇت، سۇڭ خۇئاجياڭ دەرياسىدىن بىر قانچە يۈز مېتىر يىراقتا بولۇپ، مەزكۇر دەريا خاربىن شەھىرىنى ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق سۇ مەنبەسى ئىدى.

خىتاي مۇھىت قوغداش دائىرىلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، سۇڭ خۇئاجياڭ دەرياسىنىڭ خاربىندىن ئۆتىدىغان قىسمىدا ھازىرغىچە خىمىيىۋى بۇلغىنىش ئالامەتلىرى بايقالمىغان بولسىمۇ، بىراق دەريا سۈيىنىڭ يېقىن ئارىدا بۇلغىنىش مۈمكىنچىلىكى بار، دەپ قارالماقتا.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇقرالار بەس - بەس بىلەن ئىچىملىك سۇ سېتىۋالماقتا شۇنداقلا يەر تەۋرەيدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزـ چۆچەكلەر تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر تالادا ياكى بىخەتەر، دەپ قارىغان يەرلەردە تۈنىمەكتىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.