خاربىندا سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلدى


2005.11.28

يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خاربىن شەھىرىگە قايتىدىن سۇ بېرىلىشكە باشلىدى. شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى جېلىندىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا مەيدانغا كەلگەن بىر پارتلاش نەتىجىسىدە، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىدىكى بۇلغىنىش سەۋەبىدىن خاربىن شەھىرىدە سۇ تارقىتىشنى توختاتقان ئىدى. مەزكۇر پارتلاش ۋەقەسىدە 5 كىشى ئۆلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت رايوندىن 10مىڭ كىشىنى باشقا يەرلەرگە يۈتكىگەن ئىدى.

خېلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تەشۋىقات ئىدارىسى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە سۇدىكى خىمىيىۋىي ماددىلارنىڭ نسبىتى نورمال سەۋىيىگە ئىرىشكەن ، شۇڭا خاربىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت سۇ تارقىتىش ئىشىنى قايتىدىن باشلاشنى قارار قىلغان.

ھۆكۈمەت دەسلەپتە ۋەقەنى خەلقتىن يوشۇرۇپ، دەريا سۈيىگە قانداق خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ قۇيۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىدى. لېكىن ۋەقەدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىغا 100 توننا بىنزول ماددىسىنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شەنبە كۈنى خاربىن شەھىرىنى زىيارەت قىلغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جيا باۋ ۋەقە ئۈستىدىن جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خاربىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خاربىندا يۈز بەرگەن سۇ نىڭ بولغىنىش ۋەقەسى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆزىنىڭ نىشانلىرىدىن بىرى دەپ ئېلان قىلغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ ئىناۋىتىگە بىر زەربە ھىسابلىنىدىكەن.

شۇنداقلا شەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق رۇسىيىنىڭ باش ئەلچىسىدىن، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىدىكى بۇلغىنىشنىڭ رۇسىيىگە كەلتۈرگەن زىيىنى تۈپەيلىدىن رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سورىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.