ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى، ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى كۆتۈرمىسە ھەمدە ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان بېسىمنى ئازايتمىسا، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشنى ئويلاشماقتا.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى پەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئالتە ئاي ئىچىدە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلغان. بولمىغاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا ٪ 27.5 باج ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ خىل سەزگۈر مەسىلىلەرنى قانۇن تۈزۈش يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش خاتا دەپ بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈئەن باياناتىدا: "خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ياكى ئۆستۈرمەسلىك قارارىنى ئۆزىمىز چىقىرىشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ مۇقىم ھالدا، تەدرىجى تېز تەرەققى قىلىشى خەلقئارا سودا شېرىكلىرىمىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق"- دېدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق پۇلى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنى تۆۋەن بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي ماللىرىنىڭ قىممىتى ئەرزان توختاپ، ئامېرىكا ماللىرىنىڭ ئېكىسپورتىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىشسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)