خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنى قويۇۋېتىش ۋاقتىنى بېكىتىشنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىگە بولغان كونتروللۇقنى قاچان قويۇۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە كونكېرت ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىشنى رەت قىلدى.

بۇنىڭ ئالدىدا، سانائەتلەشكەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزى بانكىلىرىنىڭ باشلىقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا بازار بويىچە ئەركىن تېگىشىش قىممىتى سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە چاقىرغان. ئۇلار شەنبە كۈنى سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ لوندوندا ئېچىلغان يىغىنى ئاخىرلاشقاندا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنىڭ ئەركىن بولماسلىقى، پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ ئارىدا، خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى روگۇ ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنى قويۇپ بېرىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى، بىراق قاچان قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىكىتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1990 - يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئامېرىكا دوللىرىغا چېتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، تېگىشىش نىسبىتىنى 8.28 دە 1 نىسبەتتە تۇتۇپ تۇرغان ۋە تار دائىرىدە ئۆزگىرىشىگە يول قويغان ئىدى. ئەمما، تەنقىدچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى تېگىشىش نىسبىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق، خىتاي ماللىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى تەنەرقىنى ئەرزانلىتىپ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىمۇ يېقىندا قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئالتە ئاي ئىچىدە خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنى كۆتۈرمىسە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا 27.5٪ تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)