خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ مۇدىرى "خەلق گېزىتى" نىڭ خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى

خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇدىرى جوۋ شياۋچۈەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى 18 - ماي كۈنى ئۆزگۈرۈدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جوۋ شياۋچۈئەن جۈمە كۈنى " مەتبۇئاتلاردىكى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى 18 - مايدا ئۆزگىرىدۇ، دېگەن خەۋەرلەر توغرا ئەمەس،" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى "خەلق گېزىتى" نىڭ ئىنگىلىزچە باسمىسى، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆزگەرگەنلىكى پات ئارىدا جاكارلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇ خەۋەر دۇنيا پۇل - مۇئامىلە بازىرىدا جىددى ئىنكاس قوزغىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي "خەلق گېزىتى" خەۋەرنىڭ خاتا بېسىلىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى دائىرىلەر، بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى بويىچە ئېلىپ بارغان شۇنداقلا سۆھبەتنىڭ ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ شياۋلىڭ، ئالدىنقى كۈنى خەلق بانكىسى پۇل قىممىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى تەييارلىقىنى قىلىپ قويدى، دەپ كۆرسەتتى. ئەمما ئۇ، پۇل قىممىتىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا چەتئەل پېرىۋوتىغا ئىگە پۇقرا ۋە كارخانىلار قولىدىكى تاشقى پېرىۋوتىنى سېتىش قەدىمىنى تېزلەتكەن. (ئەركىن)