خىتاي مەركىزى بانكىسى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆزگەرگەنلىكىنى جاكارلىدى


2005.07.21

خىتاي خەلق بانكىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزگەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم خەلق پۇلىنى قىممەتلەندۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خەلق پۇلى بۇنىڭدىن كېيىن نوقۇل ئامېرىكا دوللىرىنى بىرلىك قىلىشتىن، كۆپ خىل چەتئەل پېرىۋۇتىغا ئالماشتۇرۇلىدىكەن. خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، خەلق پۇلىنىڭ دوللار ئالدىدىكى قىممىتى 2 ٪ ئۆستى. بۇنىڭ بىلەن بىر دوللار 8 سوم 11 تىيىنگە چۈشكەن.

خىتاينىڭ خەلق پۇلىنى تەڭشەش سىياسىتى ئاسىيادىكى پۇل - مۇئامىلە بازارلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. بىر دوللار شۇ كۈنى 112.5 ياپونىيە يىنىدىن 110.38 يىنگە تۆۋەنلىگەن. دوللارنىڭ خوڭكوڭ بازىرىدىكى باھاسى 7.78 خوڭكوڭ گاڭبىسىدىن 7.76 گاڭبىغا چۈشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى جاكارلاشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا فېدېرال زاپاس فوندى كومىتېتىتىنىڭ رەئىسى ئالەن گرىنسىپان، "ئەگەر خىتاي خەلق پۇلىنى قىممەتلەندۈرمىسە، خىتاي ئىقتىسادى جىددى خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ،" دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يېڭى پۇل سىياسىتىنى قارشى ئالدى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى سىمۋول خاراكتېرلىك قەدەم، دەپ قارىماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز شۇمىر، خىتاينىڭ بۇ قەدىمىنى "ياخشى باشلىنىش، ئەمما كىچىك بىر قەدەم،" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.