دۇنيادىكى 7 چوڭ باي دۆلەت خىتاينى خەلق پۇلىنى ئەركىن قويۇشقا چاقىردى

دۇنيادىكى ئەڭ باي بولغان 7 دۆلەت گۇرۇھى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى پۇل تۈزۈمىنى ئەركىن قويۇشقا چاقىرىپ، خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش نىسبىتىگە بولغان كونتروللۇقىنى بوشۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرىنىڭ شەنبە كۈنى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا بۇ مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پۇل تۈزۈمىنى ئەركىن قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا پۇل سىستېمىسىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

رويتېرىس ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خىتايغا بۇ تەلەپنى قويۇشىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى يازغان. چۈنكى خىتاي بۇ يىل 7‏-ئايدا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى 1 %2 ئۆستۈرگەندىن كېيىن، كىشىلەر 7 دۆلەت گۇرۇھىنى ئەمدى بۇ جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلەتمەيدۇ دەپ ئويلىغان.

يىغىنغا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋمۇ قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گەرچە خەلق پۇلى مەسىلىسىدە ئازراق ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەھەتتە يەنىلا كۆپ جاھىللىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)