خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈردى

خىتاينىڭ مەركىزى بانكىسى پۇل قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان يېڭى تۈزۈلمىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خەلق پۇلىنىڭ دوللار بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئازراق ئۆرلىدى.

ئۆتكەن يىلى 7‏-ئايدا خىتاي يۈەننىڭ دوللار بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتىنى بىر قېتىم تەڭشەپ، بىر دوللارنى 8 سوم 11 تىيىنغا بېكىتكەن ئىدى. ھازىر يۈەننىڭ قىممىتىنى يەنە 0.5% ئۆرلىتىپ، بىر دوللارنى 8 سوم 6 تىيىنغا توختاتتى.

خىتاي خەلق بانكىسى چارشەنبىدىن باشلاپ يېڭى سىياسەت قوللىنىپ، سودا بانكىلىرىنى خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش نىسبىتىنى بەلگىلەشكە قويدى. بۇ يېڭى سىياسەت بويىچە، خىتاينىڭ مەركىزى بانكىسى بىر قانچە چوڭ بانكىلار تەمىنلىگەن باھاغا ئاساسەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى باھالاپ چىقىدىكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا خەلق پۇلى تېگىشىش نىسبىتىنىڭ كۈندىلىك داۋالغۇش دائىرىسىنى داۋاملىق كونترول قىلىپ تۇرىدىكەن.

ئامېرىكا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەر خىتاينىڭ خەلق پۇلىنى كونترول قىلىۋېلىشىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلەپ، خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش نىسبىتىنى ئەركىن بازارغا قويۇۋېتىشكە چاقىرغان ئىدى. (پەرىدە)