بىر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خىتاي پۇلىنىڭ ئۈستىدىكى ماۋ زىدۇڭ رەسىمىنى ئېلىۋېتىش تەكلىپى بەردى
2006.03.13
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ ئۈستىدىكى ماۋ زىدۇڭنىڭ رەسىمىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تارىخىدىكى مەشھۇر بىر شەخسنىڭ رەسىمىنى بېسىشى مۈمكىن.
بىر قۇرۇلتاي ۋەكىلى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا، ماۋ زىدۇڭنىڭ يۈز سوملۇق پۇلدىكى رەسىمىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دىڭ شياۋپىڭنىڭ رەسىمىنى بېسىش تەكلىپىنى بەرگەن. بەزىلەر يۈز سوملۇق پۇلغا مانجۇ ئىمپىرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ، خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان سۇڭ جۇڭسەننىڭ رەسىمىنى بېسىش تەكلىپىنى بەرمەكتە. بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ تەكلىپنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۈمكىن.
ئىلگىرى ماۋ زىدۇڭغا چوقۇنۇش خىتاي بويىچە ئومۇميۈزلىك ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما ھازىر خىتايدا ماۋ زىدۇڭنىڭ چوڭ ھەجىمدىكى ھەيكەللىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن باشقا جايلاردا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
دىڭ شياۋپىڭنىڭ رەسىمىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا تەسىرىنىڭ يۈكسىلىشىدە دىڭشياۋپىڭنىڭ تۆھپىسى زور. ئەمما دىڭ شياۋپىڭ ئەينى چاغدا شەخسكە چوقۇنۇشنى تەنقىد قىلىپ، ماۋ زىدۇڭنىڭ ئىزنىكىنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقۇزغان ئىدى. ئەمما خەلق پۇلىغا دىڭ شياۋپىڭنىڭ رەسىمىنى بېسىشقا قارشى تۇرغۇچىلار، دىڭ شياۋپىڭنى 1989 - يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇشنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق جاۋابكارى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈردى
- دۇنيادىكى 7 چوڭ باي دۆلەت خىتاينى خەلق پۇلىنى ئەركىن قويۇشقا چاقىردى
- خىتاي كېلەركى ئون يىل ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئارقىغا چىكىنىدىكەن
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خەلق پۇلى ھەققىدە خىتايغا يەنە بېسىم ئىشلەتتى
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە ئۈندىدى