ئىككى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جۇڭگونى پۇل مەسىلىسىنى سېنتەبىردە ئاۋازغا قويىمىز، دەپ ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ يۈز ئابرويى چوڭ ئەزالىرىدىن چارلىز شۇمىر بىلەن لىندسېي گراھاملار، ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9- ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە خەلق پۇلىنى ئەركىن قويۇۋېتىش يولىغا قاراپ ماڭمىسا، ئامېرىكىغا كىرىدىغان خىتاي ماللىرىغا باج قويۇش توغرىسىدىكى قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويىمىز، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

شۇمىر بىلەن گراھام بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ھېنري پائۇلسون بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلدى. لېكىن پائۇلسون، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو دائىرىلىرىغا پۇلنىڭ قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا سودا سانائەت ساھەسى جۇڭگو پۇلىنىڭ ھازىرقى تەننەرقى ئۇنىڭ بازاردىكى قىممىتىگە سېلىشتۇرغاندا 40 % تۆۋەن ۋە بۇ خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى قولايلاشتۇرۇپ، ئادالەتسىز رىقابەتنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، دەپ قارىماقتا. شۇمىر بىلەن گرام ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ھېنرى پائۇلسونغا ئەگەر -30 سېنتەبىرگىچە كونكىرىت نەتىجە ئالامىسا، "قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى ئاۋازغا قويىمىز،"دەپ تەكىتلىگەن.

شۇمىر بىلەن گراھام بۇ يىلنىڭ باشلىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى پات يېقىندا ئۆزگۈرۈدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى جاكالىغان. خىتاي، جۇڭگو پۇلىنىڭ قىممىتىنى دوللارغا نىسبەت بىلەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا 1.2 پىرسەنت چۈشۈرگەن، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىل جەريانىدا جۇڭگو پۇلىنىڭ دوللارغا نىسبەتەن قىممىتى 5.1 پىرسەنت ئۆسۈپ بولدى. شۇمىر، "جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن پۇلدا ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلاندۇق،" دەيدۇ. (ئەركىن)