خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېغىنى باشلاندى
2007.03.03
خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ يىللىق يېغىنى شەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلىدى. 12 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يېغىن جەريانىدا، كېڭەش ۋەكىللىرى خىتايدا كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان نامراتلار ۋە بايلار ئارىسىدىكى كىرىم پەرقى مەسىلسى، مۇھىت مەسىلىسى شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا كۆرۆلۈۋاتقان باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى جىيا چىڭلىن يېغىننىڭ ئىچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھەرخىل گۇرۇپپىلار، مىللەتلەر، دىنلار، ئىجتىمائىي تەبىقىلەر ۋە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەتەنداشلار ئوتتۇرىسىسدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، دېدى.
خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات چىرىكلىك، مۇھىتنىڭ بولغۇنىشى ۋە پۇقرالار ئارىسىدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان كىرىم پەرقى قاتارلىق جىددىي ئىجتىمائىي ۋە ئىقتسادىي ۋە ساغلىق مەسىلىلىرىنىمۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ كەلمەكتە. كۈندىن- كۈنگە جىددىيلىشىۋاتقان بۇ مەسىلىلەر خىتاي رەھبەرلىرىنى چۈچۈتۈۋاتقان بولۇپ، شۇڭا پۈتۈن خىتاي رەھبەرلىرى نۆۋەتتە ئاتالمىش ئىناق جەمئىيەتنى قوغداپ قىلىشنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويماقتا.
فرانسىيە ئاگېنتلىئىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېغىنى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئېچىلغان بولسىمۇ، 2267 نەپەر ئەزاسى بولغان بو كېڭەشنىڭ، ئالدىن تەييارلانغان قارار ۋە قانۇن لايىھەلىرىنى تەستىق قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق بىر سالاھىيىتى يۇق ئىكەن.
خىتاي خەلق قۇرۇلتاي ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 1949- يىلىدىن يەنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۇنۇلغان ھېچقانداق قارار ياكى تەكلىپىنى رەت قىلمىغان. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كومپارتىيىسى 17 - قۇرۇلتىيىدا ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنىغا يېڭى كىشىلەر سەپلىنىدۇ
- بېيجىڭدا ساقچىلار قۇرۇلتاي زالى سىرتىدىكى ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۇرۇپ تارقىتىۋەتتى
- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك 6 - ئومۇميىغىنى 10 - ئايدا ئېچىلماقچى
- خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى يېپىلدى
- خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى