ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتىدا، بۇنىڭدىن كېيىن مەملىكەت بۇيىچە 35 مىڭ 400 دىن ئارتۇق يېزا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىقىلىدۇ، دېيىلگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە خەلق قۇرۇلتېيى سايلىمىدا ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى پەيدا بولدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سايلامدا ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى ئادۋوكات تاڭ جىنلىڭ قوزغىغان بولۇپ، ئۇ، دۆلەت پۇقرالىرىنى، ئەگەر كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتېيى سايلىمىنى كونترول قىىلىۋېلىپ، نامزاتلارنى ئۆزى بەلگىلەپ، بەلگىلىگەن كىشىنى سايلاتقۇزۇشقا ئۇرۇنسا، ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرغان ئىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتېيى سايلىمىدا ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى گۇاڭدۇڭدىلا ئەمەس، باشقا جايلاردىمۇ قانات يايغان. گۇاڭدۇڭ، خۇنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە ساقچى دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتنى باستىۇرۇش ئۈچۈن بىر نەچچە ئادۋوكاتنى 'جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇردى' دېگەن جىنايى نام بىلەن تۇتۇپ قاماپ قويغان. ئەمما، گۇاڭدۇڭدىكى مۇستەقىل مۇلاھىزىچى جۇ جەنگو ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىدا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىنىشىچە، دۆلەت پۇقرالىرى خەلق قۇرۇلتېيى سايلىمىدا ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان. ئاساسىي قاتلاملاردا سايلام ھەققىدە گەپ بولسىلا، دۆلەت پۇقرالىرى ھۆكۈمەتنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىپ ئەمەلدارلارنى ئامالسىز قالدۇرغان. بۇ ھەرىكەت ھازىر داغدۇغىسى بولمغان ھالدا مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ.