ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈچ نەپەر خرىستئان مۇرىتى قولغا ئېلىندى

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدىكى خىتايغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيىسىدىكى ئىككى نەپەر خرىستئان مۇرىتى، ئۆز ئائىلىسىدە يوشۇرۇن ئىبادەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا قولغا ئېلىنىپ، قورغاس ناھىيىسىدىكى يىغىۋېلىش ئورنىغا سولاپ قويۇلغان.

خىتايغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گو ۋە لى ئىسىملىك ئىككى ئاچا ‏-سىڭىل، قورغاس ناھىيىسى لوساۋگۇ 9 ‏- ئەترىتىدە پۇتى سۇنۇپ كېتىپ داۋالىنىۋاتقان بىر ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە ئىبادەت قىلىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى قولغا ئېلىش سەۋەبى، ئويىدە يوشۇرۇن يىغىلىپ ئىبادەت قىلىشنىڭ قانۇنسىزلىق ھسابلانغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىكەن.

ساقچىلار، ئاختۇرۇش ۋە قولغا ئېلىش رەسمىيىتىسىزلا ئۇلارنى قولغا ئالغان ۋە ئۆيلىرىدە ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

خىتايغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە شۇنىڭدەك خىتاينىڭ 19 ‏- نومۇرلۇق ھۆججىتىگە ئاساسەن گو ۋە لى ئاچا ‏- سىڭىللارنىڭ ئۆيىدە يىغىلىپ ئىبادەت قىلىشى، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىشى كېرەك ئىكەن.

خىتايغا ياردەم تەشكىلاتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئاچا ‏- سىڭىللار مەسىلىسىنى قانۇن بۇيىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى تەشەببۈس قىلىپ، بارلىق خرىستئان مۇرىتلىرى ۋە بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ قورغاس ناھىيىسى ساقچى ئىدارىسىغا مەكتۈپ سۇنۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ھەر قايسى دىنىي مەزھەپلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا. (ئەقىدە)