خىتاي يېڭى رەھبەرلىك سىستېمىسىنى بېكىتى
2008.03.16
تىبەتلەرنىڭ نامايىشلىرى ۋە "7 - مارت ئايروپىلان ۋەقەسى" گە چېتىلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلانغان بۇ كۈنلەردە خىتاينىڭ دۆلەت رەھبەرلىك سىستېمىسى قايتىدىن بېكىتىلدى.
شىنخۇئانىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇ جىنتاۋ دۆلەت رەئىسلىكىگە، شى جىنپىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە بېكىتىلگەن. خۇ جىنتاۋ 16 - مارت كۈنى بىرىنچى نومۇرلۇق بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ۋېن جياباۋنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن.
خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرلىقىغا ۋۇ باڭگو سايلانغان بولۇپ، 160 نەچچە كىشىدىن تەركىپ تاپقان خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنىغا سابىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرى ئابدۇرېھىم ھامۇت كىرگەن. ئىسمائىل تىلىۋالدى مۇئاۋىن مۇدىرلىققا بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئورۇننى ئىلگىرى ئۇزۇن يىللار سەيپىدىن ئەزىز، ئۇنىڭدىن كېيىن تۆمۈر داۋامەتلەر تۇتۇپ كەلگەن ئىدى. ئىسمائىل تىلىۋالدى تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن "قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى يوقىتىشنىڭ بايراقدارى "دەپ تەرىپلىنىۋاتقان نۇر بەكرى ئىگىلىگەن ئىدى.
شىنخۇئانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 16 - مارت كۈنى پاكىستان، سىنگاپور، ياپونىيە، نامىبىيە، شىمالىي كورىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەت باشلىقلىرى ۋە باش مىنىستىرلىرى ھەم پارلامېنت رەھبەرلىرى خۇ جىنتاۋ، ۋېنجياباۋ ۋە باشقىلارنى تەبرىكلىگەن، ئەمما، رۇسىيە، ئامېرىكا گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ يىرىك دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى تېخى ئۇلارنى تەبرىكلىمىگەن. بۇ كۈنلەردە يەنە تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما خەلقئارا جەمئىيەتنى لخاسادىكى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تىبەتتىكى توقۇنۇشلار كېڭەيمەكتە
- خەلقئارا جامائەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلىك نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە
- خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ئاياغلاشتى
- غەرب ئەللىرى خىتاينى لخاسادىكى توقۇنۇشتا خىتاينى كۈچ ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى
- تىبەت مەركىزى لخاسادىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى
- ھىندىستان ساقچىلىرى يۈزلىگەن تىبەتلىكنى قولغا ئالدى
- خۇ جىنتاۋ ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ۋەكىللىرىگە قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشىنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- سۈرگۈندىكى تىبەت مۇستەقىلچىلىرى ھىندىستاندىن تىبەتكە قاراپ يول ئالدى
- دالاي لاما ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى ئەيىبلىدى
- خىتاي تىبەت پائالىيەتچىلىرىگە ۋە دالاي لامانىڭ قوللىغۇچىلىرىغا تەھدىت سالدى
- بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئاخباراتچىلارنىڭ زىيارىتىنى راستىنلا قوبۇل قىلالامدۇ ؟