خىتاي رۇسىيىدە مەخسۇس تېلېۋىزىيە قانىلى تەسىس قىلدى

رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش شىتاب باشلىقى يۇرىي بالۇئېۋسكىي رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا دۇچ كەلسە يادرو قورالى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىلگىرى "خىتاي" دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي-رۇسىيە بىرلەشمە تېلېۋىزىيە قانىلىنى موسكۋادىن تارقىتىش ھەققىدە رەسمىي كېلىشىم ئىمزالاندى.

رۇسىيىنىڭ "ئېكىسپورت" تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، جۈمە كۈنى موسكۋادا مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پروگراممىلىرىنىڭ ئۈلگىلىرىنى كۆرسىتىش ۋە ئىمزالاش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن ، خىتاينىڭ رۇسىيىدىكى باش ئەلچىسى ليۇگۇچۈئەن " خىتاي" ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئېچىلىشى رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېڭىلىق ۋە رۇسىيە-خىتاي دۆلەت يىلى پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى" دېگەن ھەمدە بۇ قانالنىڭ رۇسىيىلىكلەرگە خىتاينى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن .

خىتاي ناملىق مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى 8-فېۋرالدىن يەنى خىتايلارنىڭ باھار بايرىمى كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتۈن رۇسىيە، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى تەۋەسىدە ھەر كۈنى 24 سائەت رۇس تىلىدا مەخسۇس پروگرامما كۆرسىتىدىكەن. بۇ قانالنى باشقۇرۇشقا رۇسىيە تەرەپتىن مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئالېكساندىر زۇكوۋ مەسۇل بولغان.

مەلۇمكى، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان تەشۋىقاتنىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە ساھەسى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا ھەر كۈنى ئۇيغۇر، قازاق ھەم قىرغىز تىلىدا خىتاينى تونۇشتۇرىدىغان تېلېۋىزىيە ھەمدە رادىئو پروگراممىلىرىنى تارقىتىشنى باشلىغان ئىدى. بۇلاردا خىتاينىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەرەققىيات كۈچى تەشۋىق قىلىنىدۇ.(ئۈمىدۋار)