خىتايدا ھەر يىلى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ئىش ئۈستىدە قازا قىلماقتا

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە تورىنىڭ سەيشەنبە خەۋەر تارقىتىشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەردە ئىش ئۈستىدە قازا قىلىدىغان ئىشچىلار يۈز مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنماسلىقى ئىشچىلارنىڭ ھاياتىغا زامىن بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەن. يەنى خىتايدا شەخسلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ پەقەتلا ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى كۆزلەپ بىخەتەرلىك ئامىللىرىغا سەل قارىشى ئومۇميۈزلۈك ھالەت بولۇپ ، شىركەتلەرنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى چىرىكلىك تۈپەيلى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەر كۈچكە ئىگە قىلىنمىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ، يېقىندا دۇنيا مەتبۇئاتىدا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان نۇقتىلىق تەنھەرىكەت سارايلىرىدىن " قۇش ئۇۋىسى" قۇرۇلۇشى جەريانىدىمۇ 10 ئىشچى قازا قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ ، ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىنى ئېتراپ قىلمىغان .

خىتاي بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى باشلىقى لى بۇ ھەقتە ئاخبارات ساھەسىگە " ئولىمپىك قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئادەم ئۆلگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق ، ئەگەر بۇ جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر جىددىي تەكشۈرۈپ ، قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ " دەپ بىلدۈرگەن.

لى يەنە ، خىتايدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ھەقىقەتەن ھادىسە كۆپ كۆرىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ، ھەر يىلى خىتايدا ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاشكارىلىنىدۇ، بولۇپمۇ كان ۋەقەلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپلۈكى جەھەتتە جۇڭگو دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ " دېگەن .