ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچى خەلقئارا تەشكىلات چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئالدىنقى كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ئىلتىماس قىلغاندا بەرگەن مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، ئولىمپىك يىغىنىغا 6 ئاي قالغان بولسىمۇ بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چاغاننىڭ 1 - كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ 2001 - يىلى ئالاھىدە ۋەدە بېرىپ، "ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىلسە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايمىز " شۇنداقلا "ئولىمپىك جەريانىدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي قويۇۋېتىمىز " دەپ كاپالەت بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ ۋەدىسىدە تۇرمايلا قالماي نۆۋەتتە 80 دەك مۇخبىر ۋە تور بېتىدە ماقالە يازغۇچىلارنى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ 1980 - يىللاردا تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نەچچە مىڭ تور بەت ئۈستىدىن كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، تورغا چىققۇچىلارنى تەقىپ ئاستىغا ئالغان شۇنداقلا 2007 - يىلى جەمئىي 180 دەك چەتئەللىك مۇخبىر تەھدىت ۋە تۇتقۇنغا ئۇچرىغان. دوكلاتتا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلارنىڭ بۇ ئەھۋالغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە بۇنىڭ ئولىمپىك روھىغا داغ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار دوكلاتتا يەنە كىشىلەرنى تۈرمىدىكى مۇخبىر ۋە تورغا چىققۇچىلارنىڭ بالا- چاقا ۋە ئائىلە - تاۋاباتىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ،چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جۈمە كۈنى پارىژ شەھىرىنىڭ بىر ئاۋات رەستىسىدە خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.