خىتاي ئافغانىستان ساقچىلىرىغا ياردەم بەردى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخبارات تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 11 - ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى باش ئەلچىسى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن 340 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ساقچىلار ئىشلىتىدىغان موتسىكلىت، كومپيۇتېر، قاتارلىق بۇيۇملارنى ۋە رازۋېتكا ئىشلىرى ئۈچۈن ئىسلىتىدىغان ئىلغار تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەرنى ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەقدىم قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي 2001 - يىلىدىن ھازىرغىچە ئافغانىستان ساقچىلىرىغا بەش مىليون دوللار قىممىتىدە ياردەم بەرگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كۈنسايىن كۈچەيگەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە ساقچى دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىش ۋە ھەم ئۇلارنى تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئافغانىستان رەھبىرى خامىت كارزاي 6 - ئاينىڭ 15 - كۇنى شاڭخەيگە بېرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن ھەمدە 6-ئاينىڭ 18 – 21 - كۈنلىرى بېيجىڭدا رەسمى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن (ئۈمىدۋار)