خىتاي سۇداندىكى قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن


2004.12.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكىدىكى داڭلىق "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا، سۇداندا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى مەيداندا بولۇشىغا، ئاساسلىقى خىتاينىڭ سۇداندىكى نېفىتتىن كىلىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتى سەۋەب بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە سۇدان ھۆكۈمىتىنى بىگۇناھ پۇقرالارنى قىرىشتا ئىشلەتكەن قوراللار بىلەن تەمىنلىگەن.

"ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سۇدان مەسىلىسىدە پەقەتلا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ، ئامېرىكىغا قارشى ئىش تۇتقان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنى بۇ ئەسىردە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇ قېتىمقى ۋەقەدە دارفور رايونىدىكى قارا تەنلىكلەردىن 70 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى سۇدانغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز تاشلايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى سۇدانغا نەچچە مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىپ، سۇداننىڭ نېفىتىنى ئېچىۋاتقاندىن سىرت، سۇدانغا يەنە قورال سېتىپ پۇل تاپقان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.