خۇ جىنتاۋ سۇدان پرېزىدېنتى بىلەن دارفۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى سىياسىتى غەرب ئەللىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جۈمە كۈنى سۇداننى زىيارەت قىلىپ، سۇدان پرېزىدېنتى ئەل- باشىر بىلەن دارفۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئەل - باشىرنى دارفۇر رايونىدا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشقا شۇنداقلا دارفۇردىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى تىنچلىق مۇساپىسغا قاتناشتۇرۇشقا ئۈندىگەن. ئەل - باشىر خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن "جۇڭگو سۇدانغا غەرب ئەللىرىدىن تېخىمۇ ئادىل پوزىتسىيە تۇتماقتا" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. سۆھبەتتىن كېيىن سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاكول، "دارفۇر مەسىلىسىدە بىز خىتاينىڭ بېسىمىغا مۇھتاج ئەمەس، چۈنكى بىز بۇ مەسىلىدە بىر مەيداندا" دېدى.

سۇدان، ب د ت نىڭ دارفۇر رايونىغا تىنچلىق قىسىمى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى شۇنداقلا خىتاي بولسا ب د ت دا سۇدان ھەققىدىكى بۇ قارارنى "باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشقانلىق " دېگەن سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلىپ كەلمەكتە. ب ب س نىڭ ئەسكەرتىشىچە، سۇدان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلغان. خىتاينىڭ سۇدانغا بېرىۋاتقان شەرتسىز ياردىمى ئەرەب ئەللىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا ئىدى. ب د ت باش كاتىپى بان-كى-مۇن، ئۆتكەن ھەپتە خىتايدىن سۇداننى ب د ت قىسىملىرىنىڭ دارفۇر رايونىغا كىرىپ ئورۇنلىشىشىغا يول قويۇشقا قايىل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)