خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كېنىيىدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
2007.02.14
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 14 - فېۋرال كۈنى كېنىيىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنى ۋە خىتاي ئۆمەكلىرىگە، كېنىيىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزىلىۋاتقان كۈنلەردە چۇقۇم ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش، سىرتقا چىقماسلىق كېرەك دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، كېنىيە پرېزىدېنتى لانسانا كونتې 12 - فېۋرال كۈنى ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، 23 - فېۋرالغىچە نامايىش قىلىش، توپلىنىش مەنئىي قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ھەربىيلەر خاھلىغان بىنا ياكى تورالغۇلارغا كىرىپ قورال، ئوق -دورا ئاختۇرىدىغانلىقىنى، يولۇچى ئاپتوموبىللىرى، پوچتا پوسولكىلىرى، ھەتتا ئۆي تېلېفونلىرىمۇ تەكشۈرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
كېنىيىدە 20 دىن ئارتۇق مىللەتتىن تەركىپ تاپقان 9 مىليوندىن ئارتۇق خەلق ياشايدۇ. بۇ ئەلنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى غەلىتە مول، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى تېز سۈرئەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ سۇدان پرېزىدېنتى بىلەن دارفۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- نىگېرىيىدە خىتاي ئىشچىلىرى يەنە گۆرۈگە ئېلىندى
- خىتاي ئافرىقىدا يېڭى مۇستەملىكىچىلىك يولغا قويۇۋاتامدۇ؟
- فرانسىيە خىتاينى ئافرىقىدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنى قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلىمەكتە، دەپ ئەيىبلىدى
- ياۋروپا مەتبۇئاتلىرى: خىتاي-ئافرىقا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ياۋروپاغا تەھدىت