ياشانغانلار نىسبىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرىلىقى- خىتايغا بېسىم
2007.12.18
خىتاي ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي نوپۇسىدىكى ياشانغانلار نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىشى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ھەم جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زور بېسىم ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، خىتايدا ياشانغانلار پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ ئېغىر توسالغۇ ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ جىقلىقى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ 60 ياشتىن ھالقىغانلار نوپۇسى پەۋقۇلئاددە زور نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن. شۇنداقلا خىتايدىكى ياشانغانلار،دۇنيا ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ %21.4 تىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ دېگەنلىك پۈتۈن ياۋروپادىكى ياشانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى بىلەن باراۋەر كېلىدىكەن.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ياشانغانلار نىسبىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، بۇ نىسبەت خىتايدا نوپۇس كۆپىيىش سۈرئىتىدىن بەش ھەسسە يۇقىرى نىسبەتتە تېز سۈرئەتتە ئۆرلىمەكتە.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نوپۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ساھەلەر يەنىلا ئىنتايىن كەمچىل ھەم يېتەرسىز بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ سۇغۇرتا، داۋالىنىش، بېقىلىشقا ئوخشاش جىددىي ئېھتىياجلىق تەرەپلىرى كاپالەتلەنمىگەن، ئەگەر ياشانغانلار نوپۇسى مۇشۇ سۈرئەتتە ماڭغاندا 2030 - يىلىغا بارغاندا خىتاي جەمئىيىتى زور ئىقتىسادىي ھەم ئىجتىمائىي كرىزىسقا يۈزلىنىدىكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي نوپۇس كۆپىيىشنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ
- ئەر-ئايال نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى خىتايغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان مۇھىم ئامىل
- خىتاي دۇنيا بويىچە نوپۇسىنىڭ ئىچىدە ياشانغانلار ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى
- خىتاي نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتىغا جەڭ ئېلان قىلىنماقتا
- خىتايدا جىنسىي نىسبەت پەرقى چوڭايماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس پارتلاش دولقۇنىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى