ۋۇ يى ئامېرىكا بىلەن سودا ھەمكارلىق توختىمى تۈزمەكچى


2006.04.07

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، ئامېرىكىدا زىيارەتتىكى خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئايرۇپىلان، ماشىنا زاپچاسلىرى ۋە باشقا ماددى ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىش بويىچە توختام تۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن ليۇ جيەنچاۋ ئىمزالىنىدىغان سودا توختامنامىسىنىڭ پۇل سانىنى ئاشكارىلىمىدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ، دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش ئالدىدا خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنى يۇمشاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. " ۋالل سترېت ژورنال" گېزىتى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئايرۇپىلان ۋە ماشىنا ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىش بىلەن بىرگە پۇرچاق، كومپيوتىر زاپچاسلىرى ۋە قاتناش قوراللىرىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2005 - يىلى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى پاسسىپ بالانىسى 200 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ئەھۋال ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي تاۋارلىرىغا تاموژنا بېجى ئېلىش قانۇنى چىقىرىش تەكلىپلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خۇ جىڭتاۋ 4 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى ئاق سارايدا پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۇچرىشىدۇ. سودا مەسىلىسى ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ سۆھبىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.