" خىتاي ئامېرىكىدىن دالاي لاما سەۋەبىدىن ئۆچ ئېلىۋاتىدۇ "

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ، خوڭكوڭدا توختاپ ئۆتۈشنى پىلان قىلغان ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى، خىتاي ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تەرەپنىڭ دالاي لامانى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

سىنگاپوردىن چىقىدىغان ۋاقىت گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى رېئۇبېن جەيمس بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا كەلگىچە ئامېرىكىنىڭ كىچىك لاچىن ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 ھەربىي پاراخوتىنى خىتايغا كىرگۈزمەي توسۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي بىخەتەرلىك تەھلىلچىسى ۋاڭ شياڭسۇنىڭ سىنگاپور بوغۇزى ۋاقىت گېزىتىگە بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ دالاي لامانى كۈتۈۋېلىشىغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بولۇپ، ئەمما بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ دالاي لامانى كۈتۈۋېلىشىغا نىسبەتەن يۇمشاق مۇئامىلىدە بولغان.

دەرۋەقە، خىتاي گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل دالاي لامانى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتنى كېچىكتۈرگەن ئىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئۆتكەن ئايدا خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىپ ئۆتمەكچى بولغان كىچىك لاچىن تىپلىق ئاۋىئاماتكىنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىشى ۋە باشقا ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى ئەمدى يۇمشاشقا باشلىغان ئامېرىكا - خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىگە نوقسان يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن .

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، خىتاينىڭ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسىگە كىرىشىنى ئۇشتۇمتۇت بىكار قىلىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنى خەۋەرلىشىش جەريانىدا سادىر بولغان ئۇقۇشماسلىق دەپ ئىزاھلىغان ئىدى. (جۈمە)