ب ب س نىڭ 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بايان قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكا بۇيىچە 1007 نەپەر ئادەم دائىرىسىدە تېلېفون ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش GALLUP POLL نىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئىراننى ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەپ قارايدىغان ئادەم نېسبىتى %25، ئىراقنى ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەپ قارايدىغان ئادەم نېسبىتى، گەرچە سادام ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى ئىراق ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلەشمەيدىغان بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا %22 دىن چۈشمىگەن.
بۇ يىل ئامېرىكىدا خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەپ قارايدىغان ئادەم نېسبىتى بۇلتۇرقى %11 دىن يۇقىرى ئۆرلەپ %14گە يەتكەن.
بۇ يىل ئامېرىكىدا خىتاينى ئەڭ چوڭ دۈشمەن قاتارىغا قويىدىغان ئادەم نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر يېڭى يۈزلىنىشنى، تۈنۈگۈن س ن ن تېلېۋىزىيىسى كۈندىلىك باش خەۋەر قاتارىدا ئېلان قىلدى. (ۋەلى)
