ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق بىر ئامېرىكىلىق خىتاي مۇھاجىر، خىتايغا ئامېرىكىنىڭ قاراڭغۇدا سىنغا ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سىن ئالغۇ ئاپپاراتىنى ساتقانلىقى ئۈچۈن، ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سىن ئالغۇ ئاپاراتى،ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن، ئامېرىكىنىڭ سەزگۈر تېخنىكا ئەسۋابلىرى، شۇنداقلا مەخپىي ھەربىي ئەسلىھەلىرى ئىچىگە ئېلىنغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسۋاب بولۇپ،سېتىش شۇنداقلا ئېكىسپورت قىلىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.
ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن،فىللىپ چېن ئىسىملىك بۇ خىتاي سودىگەر، جىنايىتىنى ئىقرار قىلغاندىن كېيىن،قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلغاندىن باشقا يەنە 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم جەرىمانە قويۇلغان. فىللىپ چېن ئەسلى 2004 - يىلى 6 - ئايدا مۇشۇ جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن، 2006 - يىلى ئېچىلغان بىرىنچى قېتىملىق سوتتا زاسداتىللارنىڭ بىرلىككە كېلەلمەسلىكى سەۋەبلىك سوت كېچىكتۈرۈلگەن ئىكەن.
چېن بىلەن ھەمكارلىقى بار دەپ ئەيىبلەنگەن، شېڭ شىسەي ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېخنىكا شىركىتى قۇرغۇچىسى مارتىن شى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رۇخسىتىسىز ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئاپپاراتنى خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىگە سېتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ،ئەمما ئۇ 2005 - يىلى ئۆلگەن ئىكەن.
ئامېرىكا دائىرىلىرى مارتىن شى بىلەن فىللىپ چېننى خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن ئامېرىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ خىتايدا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سىن ئاپپاراتىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى دوگۋارلاشقان دەپ ئەيىبلىگەن. (گۈلچېھرە)