ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 3-قېتىملىق ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە سۆھبىتى 13 - دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا ئاخىرلاشتى. سۆھبەتنى ئامېرىكا تەرەپتىن مالىيە مىنىستىرى پاۋلسون خىتاي تەرەپتىن مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇيى ئېلىپ باردى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پاۋلسون بىلەن ۋۇ يى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى سۆھبەتنىڭ خۇلاسىسى ھەققىدە يەكۈن چىقىرىپ، "ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك" بولغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
لېكىن، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە سۆھبىتىدە يەنىلا كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولمىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. مەسىلەن، خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تەڭشەش سۈرىتىنى تېزلىتىش تەلىپىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئېنىق سانىنى ئېيتمىغان.
بۇ قېتىم خىتاي، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتاي تەۋەسىدە خەلق پۇلىنى ئىشلىتىپ زايوم ئېلىش ۋە پاي چېكى ئېلىشىغا قوشۇلغان. چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ ھازىر خىتايغا سالغان مەبلىغىنى 100 مىليارد دوللاردىن 300 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشكە قوشۇلغان ھەمدە ئامېرىكا بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ۋە ئېكولوگىيە مەسىلىلىرى بويىچە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە قوشۇلغان.
بىلدۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ بالىلار ئويۇنچۇقى، يېمەك-ئىچمەك ۋە بىر قىسىم توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە قاتتىق چەك قويغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)