خىتاي " جۇڭگونىڭ سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى
2007.11.15
خىتاي دۆلەت كابىنتى ئاخبارات ئىشخانىسى پەيشەنبە كۈنى " جۇڭگونىڭ سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى" نىڭ ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 2005 - يىلى ئېلان قىلىنغان" جۇڭگو دېموكراتىك سىياسىتىنىڭ قۇرۇلۇشى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ سىياسىي، مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان ئاق تاشلىق كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەنە، بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا، جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن جۇڭگودىكى ھەرقايسى دېموكرات گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا يېڭى مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ دەپ ئەسكەرتكەن.
بىراق، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى تەكىتلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھۆكۈمىتى، ھەر قايسى پارتىيە، گۇرۇھ رەھبەرلىرىنىڭ پەقەت ئۆزلىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشتە تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆكتىچىلىك قىلىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويمايدىكەن.
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەللەردىكى ھەر قايسى تەشكىلاتلار، 2005 - يىلى ئاق تاشلىق كىتابتا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ساختا دوكلاتلار دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇخبىرلار بايرىمى كۈنىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى چەكلەندى
- ئامېرىكا فېدېرال سوتى ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى ئۈستىدىن ئىسپات يىغىنى ئاچماقچى
- تەيۋەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوللايدۇ
- تەيۋەن دائىرىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش پىلانىدىن ۋاز كەچمىدى
- ئەركىنلىك سارىيى: خىتاي دۇنيادىكى ئەركىنلىك بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى
- تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمەت بەلگىلىمىسىگە قارشىلىق كۆرسەتمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى Google ئىنگىلىز تىلى خەۋەر تور بېتىنى پىچەتلىدى