خۇ جىنتاۋ 1- ئاۋغۇست نۇتقىدا خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ 80 - يىللىق ئارمىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، خىتايدىكى كوممۇنىست ئارمىيىسىنى خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن ھەيۋەتلىك قوشۇن، مەدەنىيەت قوشۇنى ۋە تىنچلىق قوشۇنى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ دەپ ماختىغان.
شۇنداقلا بۇ قوشۇننى تىنچ ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇپ، مەڭگۈ كوممۇنست پارتىيىسىنىڭ قۇماندىسىغا بوي سۇنىدىغان ئارمىيە قىلىش ئۈچۈن سىياسىي خىزمەت قاتارلىق ھەر جەھەتتىكى قوللاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاينىڭ ھەرخىل قوراللىق قىسىملىرى بۇ بايرامدا قىياپەت يەڭگۈشلىگەن.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى ئارمىيە بايرىمىدا تەيۋەن مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گاڭچۇەن تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە بۇرۇنقى 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايراملىرىدا كۆرۈلمىگەن كۈچلۈك تەلەپپۇز بىلەن سۆز قىلىپ 'تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش ئىرادىمىز، قابىلىيىتىمىز ۋە تەييارلىقىمىز بار' دېگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، خىتايدا خەلق مەبلەغ سالىدىغان كۆپ پۇرسەت يارىتىلىشى كېرەك
- كاپىتالىستىك Wal-Mart جۇڭگودا كومۇنىستلاشتى
- خىتاي شىركىتىنىڭ ئېكسان موبىلنى سېتىۋېلىش تەكلىپى رەت قىلىندى
- خىتاي بىلەن ھىندىستان، قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىدۇ
- بېيجىڭ، رۇسىيە يۇگانسكىي نېفىت گاز شىركىتىنى سېتىۋېلىش ۋەقەسىگە ئارلاشقانلىقىنى رەت قىلدى
- تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسى خىتايغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۆرسەتتى