خۇ جىنتاۋ 1‏- ئاۋغۇست نۇتقىدا خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن


2007-08-01
Share

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ 80 ‏- يىللىق ئارمىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، خىتايدىكى كوممۇنىست ئارمىيىسىنى خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن ھەيۋەتلىك قوشۇن، مەدەنىيەت قوشۇنى ۋە تىنچلىق قوشۇنى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ دەپ ماختىغان.

شۇنداقلا بۇ قوشۇننى تىنچ ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇپ، مەڭگۈ كوممۇنست پارتىيىسىنىڭ قۇماندىسىغا بوي سۇنىدىغان ئارمىيە قىلىش ئۈچۈن سىياسىي خىزمەت قاتارلىق ھەر جەھەتتىكى قوللاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاينىڭ ھەرخىل قوراللىق قىسىملىرى بۇ بايرامدا قىياپەت يەڭگۈشلىگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى ئارمىيە بايرىمىدا تەيۋەن مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گاڭچۇەن تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە بۇرۇنقى 1 ‏- ئاۋغۇست ئارمىيە بايراملىرىدا كۆرۈلمىگەن كۈچلۈك تەلەپپۇز بىلەن سۆز قىلىپ 'تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش ئىرادىمىز، قابىلىيىتىمىز ۋە تەييارلىقىمىز بار' دېگەن. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت