خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى ئالماشتۇرۇلدى


2007.09.24

24 -سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بۇرۇن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى باش بولۇپ ئىشلىگەن ھەربىي قوماندانى چېن بىڭدېنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى باش شتابىنىڭ رەئىسى قىلىپ ئۆستۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

چېن بۇرۇن خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قورال-ياراق تەرەققىياتىغا نازارەت قىلىش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئالماشتۇرۇشتا ئۇ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى باش شتابىنىڭ شتاب باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە قويۇلۇپ، ئەسلى بۇ ئورۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان گېنېرال لياڭ گۇاڭليېنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، لياڭ گۇاڭليېنىڭ ۋەزىپىسى تېخىچە بېكىتىلمىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك بىر خادىمنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىشىچە، بۇ ۋاڭ فامىلىلىك خادىم، لياڭ گۇاڭليېنىڭ ئورنىغا چېن بىڭدېنىڭ قويۇلغانلىقى مۇقىملىشىپ قالغان.

چېن بىڭدېنىڭ خىتاي ئارمىيىسى باش شتابىغا رەئىس قىلىپ تەيىنلىنىشى، كېلەر ئايدا ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17- قۇرۇلتىيىدىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇنلا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چېن بىڭدېنىڭ مەزكۇر ئورۇنغا ئالماشتۇرۇلۇشى يەنە، تەيۋەن بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيچىلىك كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، چېن بىڭدﯤ ئەسلىدە نەنجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تەيۋەنگە قارىتىلغان ئۇرۇشقا ۋە باشقا جىددىي ئەھۋاللارغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرىنى ئاساسلىق تۇتقان ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.