خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش سىستېمىسىدىكى چىرىكلىكنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۈچۈن بىر يېڭى سىستېما ئورنىتىشنى قارا قىلغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ شىنخۇا ئاخباراتىدا بېرىلگەن خەۋەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، جىسمانىي جەھەتتە ئۆلچەمگە توشمايدىغان يېڭى ئەسكەرلەرنى پارا ئېلىش ئارقىلىق كىرگۈزگەن ئوفىتسېرلارغا "قاتتىق" جازا قوللىنىلىدىغان بولۇپ، خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: " لاياقەتسىزلەر يۇرتىغا قايتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، لاياقەتسىزلەرنى قوبۇل قىلغان ئوفىتسېرلار ئېغىر جازاغا تارتىلىدۇ".
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىدە 2.3 مىليون ئەسكەر بار بولۇپ، ھازىر خىتاي ھەربىي تېخنىكا جەھەتتە قالاق قوشۇنلىرىنى زامانىۋىي تېخنىكىلار بىلەن قوراللانغان ئىلغار قوشۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشماقتا.
خىتاي ئۆز ھەربىي قىسىمىنىڭ ھەر تۈرلۈك ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىشتا بىر قاتار چەكلىمىلەرنى بېكىتىپ چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ياش چەكلىمىسى 18-22 ياشقىچە بولۇش، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ۋە ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان بولۇش قاتارلىقلار مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
ئەمما خىتاي ئارمىيىسى ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە باشقا ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ھەدەپ تەكىتلەۋاتقان مىنۇتلاردا، خىتاي ئارمىيىسى يەنە بىر قاتار مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، "ئەسكەر قوبۇل قىلىدىغان ئوفىتسېرلارغا پارا بېرىش ۋە باشقا قانۇنسىز يوللار بىلەن" يەنە نۇرغۇن لاياقەتسىز يېڭى ئەسكەرلەر قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھازىر خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى دۇچ كېلىۋاتقان نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېيتىس خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى پاراتتىن ئۆتكۈزدى
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرسەتمەكچى
- خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى ئالماشتۇرۇلدى
- خۇ جىنتاۋ 1- ئاۋغۇست نۇتقىدا خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن
- خىتاي دۇنيادىكى ئىتىۋارىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن بەزى شىركەتلەرنى تاقاشقا باشلىدى
- خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشخانىسى 'تەيۋەن مۇستەقىللىقى تەۋەككۈلچىلىق' دەپ جاكارلىدى
- جەنۇبىي خىتايدا ئاپتوبۇس ۋەقەسىدە 26 ئادەم قازا قىلدى
- خىتايدىكى نەچچە مىڭلىغان سۇ ئامبارلىرى "مۇددەتلىك بومبا" غا ئوخشاپ قالدى