ئون مىڭلىغان ئازاتلىق ئارمىيە ئوفىتسېرى مەمۇرىي خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى

خىتاي كېلەر يىلى ھەربىيلىكتىن بوشانغان 60 مىڭ ئوفېتسىرنى مەمۇرىي خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىيلىكتىن بوشانغان 337 مىڭ ئەمەلدارى مەمۇرىي خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن سىرت يەنە 90 مىڭ ھەربىي ئوفىتسېر ئۆزلىرى ئىش تېپىش يولىنى تاللىغان.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىيلىكتىن بوشنىدىغان ئوفىتسېرلىرىنى مەمۇرىي خىزمەتلەر بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇلارنى مەمۇرىي ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بۇ ساھەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر نى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئىدارىلار قۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

سىياسىي ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر، ھەربىيلىكتىن بوشانغان نۇرغۇنلىغان خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسى ئوفىتسېرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى ئىدارە-جەمئىيەتلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا، بۇنىڭ رايوندا زىددىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ھەمدە نۇرغۇن توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولغانلىقىغا دىققەت چەكمەكتە. (ئۆمەر قانات)