خىتاي ئامېرىكىدىن 80 دانە بويىڭ ئايرۇپىلانى سېتىۋېلىشقا كېلىشتى


2006.04.12

خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىن 80 دانە بويىڭ ئايرۇپىلانى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ قىممىتى 4 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. بۇ بويىڭ شىركىتىنىڭ ھازىرغىچە خىتاي بىلەن كېلىشكەن ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق سودىسى ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كېلىشىم سەيشەنبە كۈنىدىكى 17‏- نۆۋەتلىك خىتاي-ئامېرىكا سودا بىرلەشمە كومىتېتى يىغىنىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى كارلوس گۇتېرىز ۋە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى قاتارلىقلار قاتناشقان.

بويىڭ شىركىتى مەزكۇر ئاگېنتلىققا ئۇلارنىڭ بۇ يىل ئىچىدە خىتايغا سېتىپ بېرىدىغان ئايرۇپىلان سانىنى 120 گە يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ بويىڭ شىركىتى بىلەن ئۇنىڭ ياۋروپادىكى رىقابەتچىسى ئېيرباس شىركىتى خىتاينى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا بازىرى دەپ قارايدۇ. بويىڭ يەنە، كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە خىتايغا جەمئىي 2600 دانە ئايرۇپىلان سېتىشنى پىلانلىماقتا.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى باشچىلىغىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئامېرىكا بىلەن 16 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە 100 نەچچە تۈرلۈك سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ بولغان. ئانالىزچىلار بۇنىڭ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جىددىيلىكىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.