بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارىنىڭ زىيارىتىنى جەريانىدا ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسارى لۇئىس ئاربور، بېيجىڭغا كېلىشنىڭ ئالدى - كەينىدە خىتاي ساقچىلار سىياسى ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن.

بېرىتانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ب ب س، ساقچىلارنىڭ مەقسىدى ئۆكتىچىلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى ئالى ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " يۈزىنى تۆكۈدىغان ئىشلار" نى قىلىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش، دەپ تەكىتلىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ساقچىلار لۇئىس ئاربور خانىم چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ ئەتراپىنى كونترول قىلىۋالغان. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، مېھمانخانا ئەتراپىدىكى ۋەزىيەتكە قارىغاندا كىشىلەرنىڭ ب د ت ئالى ئەمەلدارىغا يېقىنلىشىش مۇمكىنچىلىكى ئاز، دەپ كۆرسەتتى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ئالى ئەمەلدارى، بېيجىڭغا كېلىشتىن سەل ئىلگىرى " شەپقەت بۇلىقى،" دەپ ئاتلىدىغان بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئاختۇرۇلغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى ئەمەلدارىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى 2 - سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسارى لۇئىس ئاربور سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئادەم ئەتكەسچىلىكى " تېررورلۇق جىنايەت،" دەپ ئەيىپلىدى.

لۇئىس ئاربور، زىيارەت جەريانىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىتىنى "خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇق ئەھدىنامىسى" نى تېزرەك تەستىقلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسارلىرى يېقىنقى 7 يىلدا خىتاينى 8 قېتىم زىيارەت قىلغان. (ئەركىن)