بېيجىڭ كاتولىك رايونىنىڭ يېڭى بىشوپى ۋاتىكاننىڭ ماقۇللۇقىغا ئېرىشتى

رىم پاپاسى بەنېدىكت 16، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېيجىڭ كاتولىك رايونىنىڭ بىشوپلۇقىغا تەيىنلەنگەن لى شەننى، دىنىي رايوننىڭ رەسمىي بىشوپى، دەپ قوبۇل قىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن رىم ۋاتىكانى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 42 ياشلاردىكى لى شەننى بۇ يىل 4 - ئايدا ۋاپات بولغان بېيجىڭ كاتولىك رايونىنىڭ بىشوپى فۇ تېشيەننىڭ ئورنىغا بىشوپ قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، لى شەننى سالاھىيىتى بۇ ئورۇنغا توشىدىغان شەخس، دەپ تەرىپلىگەن. لېكىن ۋاتىكان، لى شەننىڭ بىشوپلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، رىم پاپاسىنىڭ تەستىقى ۋاتىكان بىلەن ئاتىزىمچى خىتاي رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار سۆھبەت ۋە مۇرەسسەلەرنىڭ مەھسۇلى بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتمەكتە. خىتاي بىلەن ۋاتىكاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى 1950 - يىلى خىتاي دائىرىلىرى ۋاتىكاننىڭ خىتايدىكى كاتولىك دىنىي رايونلىرىغا بىشوپ تەيىنلەش ھوقۇقىنى رەت قىلغاندىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان. ۋاتىكان بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېقىنقى سۆھبەتلەردىكى نېگىزلىك ئىختىلاپ يەنىلا مۇشۇ مەسىلىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاتىكاننىڭ بىشوپ تەيىنلەش ئىمتىيازىنى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا ئىدى.

خرىستئان دىنىي خىتايدا ئەڭ تېز كېڭىيىۋاتقان دىنلارنىڭ بىرىدۇر. خىتاي دائىرىلىرى ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى ۋەتەنۋەپەر كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە رۇخسەت قىلسىمۇ، لېكىن ۋاتىكاننىڭ ئىمتىيازىغا بويسۇنىدىغان، پاپانى روھانى داھى، دەپ قوبۇل قىلىدىغان يەر ئاستى كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ پائالىيىتىنى باستۇرماقتا. (ئەركىن)