خىتاي دائىرىلىرى پرېزىدېنت بۇشنى تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشكە دىنىي تون كىيدۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى


2007.02.02

خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يېي شاۋۋېن"خەلق گېزىتى" نىڭ جۈمە كۈنكى سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بۇشنى تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشكە "ئىسلام فاشىزىمىغا قارشى" ، " ئەھلى-سەلپچى" تون كىيدۈرمەكچى بولدى، دەپ ئەيىبلىدى.

يېي شاۋۋېننىڭ كومپارتىيە ئورگان نەشر ئەپكارى "خەلق گېزىتى" نىڭ باش ئىستونىدىكى بۇ ماقالىسى ۋاقىت جەھەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرغان ۋە يىغىندا تەرەپلەر خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى شۇ كۈنكى يىغىندا خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى كامىلە تېلەندىبايېۋا گۇۋاھلىق بەرگەن شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنى دىنىي ئەركىنلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېي شاۋۋېن، پرېزىدېنت بۇشنىڭ "ئەھلى-سەلپ" ۋە "ئىسلام فاشىزمى "دېگەن ئاتالغۇلارنى تىلغا ئالغانلىقى تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ دىنىي تونغا ئورالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ يازغان. ئۇ،" تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنى قانداقمۇ كونكرېت بىر دىنغا باغلىغىلى بولسۇن " دەيدۇ.

لېكىن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، "خىتايلار تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ كۆپرەك ئاپتونومىيە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنى باستۇرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەنمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دېھقان ۋە شەھەر ئاھالىسى ئىچىدىكى ياشانغانلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلىمىسىمۇ، لېكىن 18 ياشتىن تۆۋەن ياش- ئۆسمۈرلەر، پېنسىيىگە چىققانلار، زىيالىيلار، پارتىيە ئەزالىرى، دۆلەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلىمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.