خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تىبەت مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چېڭ گاڭ 6- ئاينىڭ 3- كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ئازايتىشقا تىرىشىپ، لودى گەرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى رەسمىي ۋەكىل ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى. لېكىن ئۇ "مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى" دېدى.
چېڭ گاڭ مۇنداق دېدى ": ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان تىبەتلىك ۋەتەن سۆيەرلەر ساياھەت ۋە تۇققان يوقلاش ئۈچۈن تىبەتنى زىيارەت قىلىدۇ. 2002- يلىدىن بېرى لودى گەرى ۋە باشقىلار تۇققان يوقلاش، دوستلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ساياھەت ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم تىبەتتە، ۋە ئىچكىرىدە زىيارەتتە بولدى."
دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى بولغان لودى گەرى، خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا.
لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، لودى گەرى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ دالاي لاماغا يېقىن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ،"بىز بۇ كىشىلەرنىڭ ھىندىستانغا قايتقاندىن كېيىن، تىبەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە دالاي لاماغا توغرا مەلۇمات بېرىپ، ئۇنىڭ ۋەزىيەتنى چۈشىنىپ، توغرا يول تاللىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دېدى.
دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاستە ئۇچرىشىشلار 2002- يىلى سېنتەبىر ئېيىدا باشلانغان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسدا ئۆتكۈزۈلگەن 6 - قېتىملىق سۆھبەت ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى ئازايتىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى قوبۇل قىلىشىنىڭ ئۆزى ، خىتاينىڭ دالاي لامانى تىبەت خەلقىنىڭ ۋەكىلى دەپ قوبۇل قىلغانلىقى، تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنى زۆرۈر بىلگەنلىكىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئۆمەر قانات)