خىتاي دارفۇر مەسىلىسىدە ئىنكاس قايتۇردى
-
2008-02-24 -
-
-
24-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى ليۇ گۇيجىن سۇداننىڭ پايتەختىنى زىيارەت قىلغاندا دارفۇر مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينىڭ مەيدانىنى جاكارلاپ، "جۇڭگو سۇدان بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدىكى كۆۋرۈك ۋە ياكى تىلچىسى بولۇشنى خالايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيە رادىئو -تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ليۇ گۇيجىن غەرب دۆلەتلىرى ئەگەر دارفۇر خەلقىغە ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولسا، سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن ئەڭ ئەقەللىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇ، چەتئەللەرنىڭ خىتاينىڭ دارفۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقىغا ئىزاھات بېرىپ، جۇڭگونىڭ سۇدانغا بېسىم ئىشلەتمەستىن بەلكى تەڭ باراۋەر ھەمكارچىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر قاتار بىلدۈرۈش ھەم تەكلىپلەرنى بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاينىڭ دارفۇر ئىشلىرى بويىچە مەزكۇر ئالاھىدە ۋەكىلى لوندوندىن سۇدانغا ئۇچۇش ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرىلىتىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى، دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا جەمىيەتنىڭمۇ ئورتاق ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى،ھازىرمۇ دارفۇردىكى خەلقنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىراق، ليۇ گۇيجىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ دارفۇر توقۇنۇشى ئۈچۈن سۇدانغا قورال ياراق سېتىپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى ئىنكار قىلىپ، جۇڭگونىڭ باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ليۇ گۇيجىن سۇداندىكى جەريانىدا دارفۇر رايونىغا بارىدىكەن ھەمدە ب د ت تىنچلىقنى ساقلاش ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن. دارفۇر مەسىلىسى نۆۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلەۋاتقان ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي باش مىنىستىرى دارفۇر سىياسىتىنى ئاقلىدى
- گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى خرىستىئانلار بىرلەشمىسى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- دارفۇر پارتىزانلىرى خىتاينىڭ سۇداندىكى نېفىتلىكىگە ھۇجۇم قوزغىدى
- خىتاي سۇدانغا 300 كىشىلىك تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئەۋەتىدۇ
- ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتايدىن دارفۇر مەسىلىسىدە ياردەمچى بولۇشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ئۆكتىچىىسى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى
- ئافېنادا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى ياندۇرۇلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى
- "خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىدىغان پەيتى يېتىپ كەلدى"
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغىدى