خىتاي دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ياردەمچى بولۇش بىلەن ئەيىپلەندى


2008.03.14

ئامېرىكىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى خىتاينىڭ سۇداننى كىچىك تىپتىكى قوراللار بىلەن ئەڭ كۆپ تەمىنلىگۈچى ۋە سۇدان بىلەن بولغان قورال - ياراقلار سودىسى 3 يىلدىن بېرى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ياردەمچى بولغان، دەپ ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى 1 - تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2004 - يىلدىن 2006 - يىلغىچە خىتاينىڭ سۇدانغا 55 مىليون دوللارلىق كىچىك تىپتىكى قوراللارنى ساتقانلىقى، دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقتا مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارالغان ئەرەب جانجاۋىد مىلىتانلىرىنىڭ بۇ قوراللار بىلەن قوراللانغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، 3 يىلدىن بېرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۇدانغا قورال - ياراق سېتىشنى ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ قورال - ياراق سودىسى ئىزچىل كۆپىيىپ، سۇدانغا ساتقان كىچىك تىپتىكى قوراللارنىڭ %90 نى ئىگىلىگەن.

دوكلاتتا، "خىتاي سۇداننى كىچىك تىپتىكى قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ قالدى،" دەيدۇ. كىشىلىك ھوقۇقى 1 - تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى سۇدانغا قورال سېتىشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى ھەم بۇ سودا خىتاينىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ئوبرازىنى ياخشىلاش تىرىشچانلىقىغا دەخلى يەتكۈزۈدىغانلىقىمنى بىلدۈردى. دوكلاتتا يەنە سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن ئالغان قوراللارنىڭ پۇلىنى خىتايغا ساتقان نېفىتنىڭ پۇلى بىلەن تۆلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي سۇدان بىلەن بولغان قورال - ياراق سودىسىنىڭ سوممىسى ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى ۋە قورال - ياراق سودىسىنى توختاتقان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ دارفۇردىكى توقۇنۇشنى توختىتالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى. لېكىن كىشىلىك ھوقۇقى 1 - تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى بەتسىي ئەپېيل،" خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي قورال - ياراق زاۋۇتلىرى بىلەن دارفۇر خەلقىنى قىرغان قىلىۋاتقان سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى مىلىتان كۈچلەر ئارىسىدا قورال - ياراق تەمىنات لىنىيىسى قۇرۇپ چىققان،" دەپ كۆرسەتتى. لېكىن خىتاينىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ليۇ گۇيجىن بۇ تۈردىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ سۇدان بىلەن بولغان قورال - ياراق سودىسىنى ئەيىبلەش ناھەقچىلىق، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.