خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يازدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دارفۇر كرىزىسىغا باغلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە قارشى، ئۆزىنىڭ سۇدان سىياسىتىنى ئاقلاپ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دارفۇر كرىزىسىغا باغلاشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ دارفۇرغا تەيىنلىگەن ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئەلچىسى ليۇ گۈيجىن ھازىر بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇر رايونىدىكى كرىزىسلارنى ھەل قىلشتا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە " دارفۇر مەسىلىسىنى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە باغلاش مەنتىقىغە ئۇيغۇن ئەمەس" دېگەن.
ئۇ يەنە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىنىڭ ۋە سۇداننىڭ نېفىتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە سېتىلىشىنىڭ ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ھازىر خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ يىل ئاۋغۇستتا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈش ئېھتىماللىقى بار بولغان ھەر قانداق بىر مەسىلىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشقا بەك جىددىي مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ سۇدان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بېسىمى تۈپەيلى خىتاي سۇدان مەسىلىسىدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە دىپلوماتىك ئارىلىشىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى دارفۇر رايونىدا باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن سىياسى ئىتتىپاقداش بولغاچقا ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دائىم ئەزا دۆلەت بولۇش سۇپىتى بىلەن سۇداننى سىياسى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن قانات ئاستىغا ئېلىپ كەلگەن بولغاچقا، ئامېرىكىلىق كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتچىسى مىيا فېروۋ 2008 - يىلىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنى "قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى" دەپ ئاتىغان ئىدى. (جۈمە)