مەركىزى خوڭ كوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بېرى بولغان ۋە سەككىز يىلغا يېقىن بىر ۋاقىتتىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان ماۋ چىڭشىياڭنى قويۇپ بەرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ماۋ چىڭشىياڭ جۈمە كۈنى جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن.
ماۋ ، 1999- يىلى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا پائالىيىتى چەكلەنگەن خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ 23 ئەزاسى ھېلىمۇ تۈرمىدە ياتماقتا ئىكەن.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسىنى 1998- يىلى يەنى مەزكۇر پارتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي چەكلەپ، پارتىيىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنى قولغا ئالغان ئىدى.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ماۋ چىڭشىياڭنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن، دۇنيادا كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىنىڭ بىر قىسىمى دەپ، كۆرسەتمەكتە.
فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 57 ياشتىكى ماۋ چىڭشياڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، " ئەگەر مىنىڭ تۈرمىدە ياتقانلىقىم، خىتايدا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ھەسسە قوشقان بولسا، تۈرمىدە ياتقىنىمدىن ھېچقاچان ئەپسۇسلانمايمەن،" دېگەن. (ئۆمەر قانات)