ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچىلىرى بېيجىڭنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىردى

22 - مارت كۈنى خىتاينىڭ ئاتاقلىق ئۆكتىچى يازغۇچىلىرىدىن ۋاڭ لىشيوڭ، ليۇ شىئاۋبو قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يازغۇچى، ئالىملاردىن تەركىپ تاپقان بىر قانچە كىشى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى تىبەت مەسىلىسى بويىچە دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى، ئارقىدىنلا بۇ خەتكە ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى 30 دىن ئېشىپ كەتكەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئېلان قىلىنغان " تىبەت ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىشقا ئائىت 12 پىكىر" دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئوچۇق خەتتە خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرى بېيجىڭ رەھبەرلىرىنى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تىبەتتىكى ۋەقەلەرنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش، چەت ئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئەركىن ئۇچۇر بېرىشىگە يول قويۇش، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا دالاي لاما بار، ئۇ پىلانلىغان، دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسىتىش قاتارلىق تۈرلۈك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇلار يەنە تىبەت مەسىلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دائىرىلەرنىڭ دالاي لامانى خۇددى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكىگە ئوخشاش ھالدا تەنقىد قىلىشىنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكى، بۇنداق قىلغاندا جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا دەخلى يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر مەيدان دالاي لامانى ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلەش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، ۋېن جياباۋ ئەگەر دالاينىڭ مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچسە، تىبەت ۋە تەيۋەننى جۇڭگونىڭ زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلسا، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن. دالاي لاما ئۆزىنىڭ تىبەتكە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن، خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ مەزكۇر خېتىنىڭ خۇ جىنتاۋ قاتارلىق خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنماسلىقى پەرەز قىلىنماقتا. (ئۈمىدۋار)