ياڭ جيەنلى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش ۋە ئەركىنلىكنى توسۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى
2007.08.22
خىتايدا بەش يىللىق تۈرمە مۇددىتى توشۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 22 - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن دوكتور ياڭ جيەنلىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھازىر كەمكۈتسىز ساقچى دۆلىتى بولۇپ قالغان. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خەلق ئىچىدە دۆلەتكە باج تاپشۇرغان ئادەمنىڭ قانداق قانۇنى ھوقۇقى بارلىقى ۋە بۇ ھوقۇقنى قانداق ئىشلىتىشى لازىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتقان ئادەم بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەھبۇسلار خىتاي تۈرمىلىرىدە ئېلىپ بارغان 'دۆلەتكە باج تاپشۇرغۇچىلار ئىنقىلابى' ھۆكۈمەتنى تۈرمىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلىيالىغان.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى ئامېرىكىدا تۇرۇپ قېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان خىتاي پۇقراسى، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇ 2002 - يىلى خىتايغا بېرىپ ئىشچىلار ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا قولغا ئېلىنىپ، 'چەتئەل جاسۇسى' دېگەن بەدنام بىلەن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇخبىرلارغا جاكارلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى توسۇش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق قىلغانسېرى ئۇنىڭ ھوقۇقى شۇنچە زور رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىكى نامايىشچىنى 18 يىلدىن كېيىن قويۇپ بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى 12 ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىمىنى جازالىدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جەھەتتە خىتاي ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشكە قىستىدى
- 10 يىل ئىچىدە 40 مىڭ كىشى خىتاي تۈرمىلىرىدىن ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن
- خىتاي بۇددا دىن ساھەسىدىكىلەر ھۆكۈمەتتىن ئەيدىز مەھبۇسلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي تۈرمىسىدىكى موڭغۇل ئۆكتىچىسىنىڭ ئايالى خەلقئارا جەمئىيەتنى يولدىشىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى
- خىتاي قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى
- خىتايدا سوراق جەريانى سىنئالغۇغا ئېلىنىدىكەن