سۈرگۈندە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم خىتاي دېموكراتچىلىرى پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە قارمىقىدىكى ھەر قايسى ئەلچىخانىلارغا ئوچۇق خەت يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنى بۇيىچە، ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جۇڭگوغا ئەركىن كىرىپ - چىقىشقا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۈر ئوچۇق خەت، خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىدىن ۋاڭ دەن، ياڭ جەنلى، خۇ پىڭ، گو لوجى، چېڭ يىزى ۋە ئۇيغۇر دېموكراتچى ئۆركەش قاتارلىق 6 كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ خەتتە، چەتئەللەردىكى دېموكراتچىلارنىڭ خىتايغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى شۇنىڭدەك پاسپورتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش تەلەپلىرىنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى ھەمدە بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئوچۇق خەتتە يەنە "ئولىمپىك مۇراسىمى ھارپىسىدا، ئولىمپىك قائىدىسىگە ئاساسەن، سىياسىي ۋە دىنىي باھانە بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىشىنى چەكلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ" دېيىلگەن.
6 نەپەر دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى تەرىپىدىن يېزىلغان ئوچۇق خەتنىڭ ئاخىرىدا، ئۇلارنىڭ خىتاي پۇقرالىق پاسپورتىنىڭ ئۇزارتىلىشى ۋە قايتۇرۇپ بېرىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا كىرىپ - چىقىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ جۇڭگو ئىچى ۋە سىرتىدا پۇقرالار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە زىيان كەلتۈرگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ قانۇن بۇيىچە جازاغا تارتىلىشى تەلەپ قىلىنغان. (ئەقىدە)
